Uyghurئاساسىي لۇغەت
شوخ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شوخ، ئويناق، چاققان:
گۈزەل، گۈزەل مەھبۇبە، سۆيگەن يار:
1. ئەگەر ئول شوخلاركىم كەلسە ھەرياندىن خرام ئەيلەر،
ئېرۇر بۇ لەشكەرى كافىر ۋەيا جەمئى بەلادەرلەر.
ئەرشى.
2. نېتەيكى يولىدا ئول شوخ زار قىلدى مېنى،
بۇزار بىرلەر گەھى يوقۇبار قىلدى مېنى.
خۇشھال غەرىبى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىقىلىرى ئادەتتىكىدىن جىددىيرەك؛ كۆپىنچە بالىلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ.
تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر. دۆلەتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى. بەڭباشنىڭ سۆزى ئۆز بېشىغا چىقىدۇ. شوخ بولساڭ مازاغا بار، بىكار بولساڭ بازارغا. بالا بولسا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا. سەمەت قارىمنىڭ بالىسى يۇنۇس تازا كەپسىز بالا بوپتۇ. قۇرغۇ ئەر _ تەنتەك ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاسمانغا پىچاق (مۇشت) ئاتىدىغان. ئويۇنچى، تىنىم تاپمايدىغان.
ياۋاش
تىپتىنچ يۈرىدىغان، گەپكە كىرىدىغان.
بالا بولسا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا. دۆتنىڭ تىلى قىچىشىدۇ، تەنتەكنىڭ قولى. تەنتەك خۇشامەت بىلەن قولغا چۈشىدۇ. بەڭباشنىڭ سۆزى ئۆز بېشىغا چىقىدۇ. كەپسىزنىڭ كېپىنى تەييار. ئاسىم ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان بالا بوپتۇ. يامان بولساڭ ئاسىدۇ، ياۋاش بولساڭ باسىدۇ. ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ۋاقىتنى ئويۇن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان، ئويۇنغا ئامراق؛ جىمغۇر ئەمەس، كەپسىز.
دىلشات بۇرۇندىن شوخراق ئوقۇغۇچىلاردىن بولسىمۇ، لېكىن دەرس ئىنتىزامىنى ساقلايتتى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيتتى.
ئويۇن - كۈلكىنى، ھەزىل - چاقچاقنى ياخشى كۆرىدىغان، خۇشخۇي، خۇش چاقچاق، ئوچۇق - يورۇق.
توي خەۋىرىنى ئاڭلىغان يېزىمىزنىڭ شوخ ياشلىرى سازلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كىرىپ كېلىشتى.
كۆچمە. ئويناق، چاققان، ئەركىن (تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا).
ئاسىيەنىڭ زىلۋا قامىتى، شوخ ئۇسسۇلى، يېقىملىق تەبەسسۇمگە تولغان چېھرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى.
كۆچمە. كىشىگە شادلىق تۇيغۇسى ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، يېقىملىق، جۇشقۇن (ناخشا - مۇزىكا، قوشاق، شامال قاتارلىقلار ھەققىدە).
شوخ كۈي. شوخ ناخشا. شوخ پەدە. شوخ شامال.