Uyghurئاساسىي لۇغەت
شورⅠ
شورⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە، يەنى تەركىبىدە كرىستاللاشقان ئون دانە سۇ مولېكۇلىسى بولغان ناترىي سۇلفات. ئاق ياكى رەڭسىز كېلىدۇ، ئادەتتە خىمىيە سانائىتى، ئەينەكچىلىك سانائىتى ۋە قەغەزچىلىك سانائىتى قاتارلىقلارغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. تېببىي دورىگەرلىكتە بولسا سۈرگە دورىسى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرنىڭ ئۈستىۋاش ياكى سىرتقا تېپىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇز، ئاق داغ:[مىسال:] قارىسام، سەمەتنىڭ كۆڭلىكىنىڭ دۈمبىلىرى شور باغلاپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە تۇز ماددىسى كۆپ بولغان، كۆپەيگەن، شورتاڭ؛ زەي:[مىسال:] شور توپا. شور تۇپراق. شور سەي.