Uyghurئاساسىي لۇغەت
شور
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۇز، شورتاڭ.
شور تۇز. * شور توپا. * شور باسماق. * شور ئېقىتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
شۇملۇق، نەسلىك.
شور پېشانە. * شورۇڭ قۇرغۇر. * دات _ تۆمۈرنىڭ شورى، غەم_ كۆڭۈلنىڭ شورى. * كېلىنى كەلسىمۇ قوينىڭ سورى، ئادەم ئۆلىمۇ قوينىڭ شورى. * بېشىمغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزەمنىڭ شورى دەيمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامان تەقدىرگە ئائىت.
شۇم يېسىمۇ بىچارە. شۇم موزاينى ئانىسىمۇ يالىمايدۇ. شۇم رەڭگىدىن بىلىنەر. كېلىن كەلسىمۇ قوينىڭ شورى، ئادەم ئۆلسىمۇ قوينىڭ شورى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شور، تۇزلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى <خىم> ئانئورگانىك بىرىكمە، يەنى تەركىبىدە كرىستاللاشقان ئون دانە سۇ مولېكۇلىسى بولغان ناترىي سۇلفات. ئاق ياكى رەڭسىز كېلىدۇ، ئادەتتە خىمىيە سانائىتى، ئەينەكچىلىك سانائىتى ۋە قەغەزچىلىك سانائىتى قاتارلىقلارغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. تېبىي دورىگەرلىكتە بولسا سۈرگە دورىسى قىلىنىدۇ.
ئى. تەرنىڭ ئۈستىۋاش ياكى سىرتقا تېپىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇز، ئاق داغ.
قارىسام ، سەمەتنىڭ كۆڭلىكىنىڭ دۈمبىلىرى شور باغلاپ كېتىپتۇ.
سۈپ. تەركىبىدە تۇز ماددىسى كۆپ بولغان، كۆپەيگەن، شورتاڭ؛ زەي.
شور توپا. شور تۇپراق. شور سەي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. بەختسىزلىك، تەلەيسىزلىك، بىچارىلىك، بەختسىز تەقدىر.
ۋاي شورۇم. - * تۆت خالتا، ئارىمىزدىكى توختام شۇ - دە، - دېدى مەتباقى، - سەنمۇ نۇقتىلىق ئائىلە بولغان بولساڭ، گەپ يوق يەنە ئون خالتا چۈشۈرۈۋالاتتىڭ، ئۆزۈڭنىڭ شورى - دە، بىز كەتتۇق.
سۈپ. تەتۈر، ئوڭ كەلمىگەن؛ شۇم.
شور پىشانە. شور تەلەي. شور ئېغىز.