Uyghurئاساسىي لۇغەت
شوپىن
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
شوپىن (1810 −1849 ) پولشالىق ئۇلۇغ كومپوزىتور، پىئانىنو چالغۇچى. ئۇ ئانىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى كىچىكىدىن باشلاپلا پولەك خەلق مۇزىكىلىرى بىلەن پىششىق تونۇشقان ۋە ئۇلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان. ئالتە يېشىدىن باشلاپ پىئانىنو، يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئاھاڭ ئىجاد قىلىشنى ئۆگەنگەن، سەككىز يېشىدا مۇزىكا يىغىلىشلىرىدا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويغان.16 يېشىدا ۋارشاۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەت سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن،20 ياشقا يەتمەي تۇرۇپلا ۋارشاۋا بويىچە داڭلىق پىئانىنو چالغۇچى ۋە كومپوزىتور بولۇپ قالغان.1830
- يىلى شوپىن فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژغا بېرىپ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر كومپوزىتورلاردىن بېرلىئوز، لىزت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇ بۇ مەزگىلدە پىئانىنو چېلىش ياكى مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتە بولسۇن، ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شوپىننىڭ نۇرغۇن نادىر مۇزىكىلىرى مانا شۇ چاغدا يېزىلغان. شوپىن پارىژدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ۋەتىنى پولشا چارروسىيىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇڭا، ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە تاجاۋۇز قىلىنغان يۇرت - ماكاننى ياد ئېتىش، مىللىي مۇستەقىللىققا تەشنا بولۇش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئىستەكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يۇرتنى ئەسلەش، مۇنقەرزلىكتىن نەپرەتلىنىش ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەمىشە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. چارروسىيە ئۇنىڭغا«چارروسىيە پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ1 - نومۇرلۇق پىئانىنوچىسى» مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلغاندا، شوپىن قەتئىي رەت قىلىپ ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكارغا خاس ئالىيجاناب خىسلىتى ھەمدە مىللىي روھىنى ئىپادىلىگەن.1849 - يىلى شوپىن كېسەللىك سەۋەبىدىن پارىژدا ۋاپات بولغان. ئۇ جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ساپ قەلبىنى تەسەللى تاپتۇرۇش ئۈچۈن يۈرىكىنى پولشاغا ئېلىپ كېتىش ھەققىدە يېقىن دوستلىرىغا ۋەسىيەت قىلغان.
شوپىننىڭ ئىجادىيىتىدە پىئانىنو مۇزىكىلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن تاشقىرى، تۈرلۈك ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى، فانتازىيە، باللادا، يۇمۇرلۇق مۇزىكا، كىرىش مۇزىكىسى، مەشىق ئاھاڭلىرى، سوناتا قاتارلىقلارنىمۇ يازغان. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى روشەن خاراكتېر ھەمدە ئۆزىگە خاس رومانتىك - لىرىك ئۇسلۇبقا، ھېسسىياتلىق، سەلتەنەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مېلودىيىگە، شۇنداقلا مول ۋە رەڭگارەڭ گارمونىيىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا رومانتىزم مۇزىكىسىغا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ھۆسن قوشقان. دەل شۇ ۋەجدىن، شوپىن «رومانتىزملىق پىئانىنو شائىرى»دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان.
پولشا بۇ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر كومپوزىتورنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن1927 - يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم «خەلقئارا شوپىن پىئانىنو ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ خەلقئارادا سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ زور پىئانىنو مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1810 - 1849) پولەك كومپوزىتورى، پىئانىستى. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا پولشا خەلق مۇزىكىسى بىلەن ئۇچراشقان. 1826 - 1829 - يىللىرى ۋارشاۋا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1830 - يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلغان. 1831 - يىلىدىكى ۋارشاۋا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پارىژغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىجادىيەت، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كۆپىنچە يۇقىرى تەبىقە سالونلىرىدا مۇزىكا چالغان. بۇ مەزگىلدە پارىژدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىسكېۋىز لىسىت، گېنى ۋە گىئورگىي سان قاتارلىقلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرغان. بىر ئۆمۈر چار روسىيەنىڭ پولشاغا سالغان مىللىي زۇلۇمى ۋە قۇل قىلىشىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ كەلگەن. بىر مۇنچە ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقا بولغان تەشنالىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كېيىنكى مەزگىلدە ئىدىيىسىدە بەزى پاسسىپلىق كۆرۈلگەن. ئۇ، مازوركا، بولونىس قاتارلىق خەلق ئارىسىدىكى تانسا ئۇسلۇبىدىن پايدىلانغان ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن قوشقان. مۇزىكا ئىجادىيىتىدە باللادا ئۇسلۇبىنى قوللانغان. باشلىنىش مۇزىكىسى، يۇمۇرېستا مۇزىكىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ مۇستەقىل پىئانىنو مۇزىكىلىرىغا ئايلاندۇرغان. ئېتودىنىڭ تېخنىكىلىقى بىلەن بەدىئىيلىكنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ زىچ بىرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىنىش بىلەن پىئانىنودا ئورۇندىغان ئىككى مۇزىكىسى، پىئانىنو بىلەن ئۇرۇندىغان ئۈچ سۇناتاسى ۋە مازۇركا، بولونىس، ۋالىس، ئېتود، باشلىنىش مۇزىكىسى، نوكتيون، ئىلھام كۈيى، يۇمۇرىستا ۋە باللادا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پىئانىنو بىلەن ئۇرۇندىلىدىغان يالغۇز كىشىلىك مۇزىكىلىرى ۋە ناخشىلىرى بار بولۇپ، <پىئانىنو شائىرى> دەپ داڭق چىقارغان.