Uyghurئاساسىي لۇغەت
شۆلگەي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىز بوشلىقىدا پەيدا بولىدىغان شىللىق سۇيۇقلۇق.
ئىت ئۇستىخان غاجىغان يەرگە شۆلگىيىنى ئېقىتىدۇ. ئىشچاندىن تەر ئاقار، ئېرىنچەكتىن شال. ھەسەتخورنىڭ ئاغزىدىن سېرىقسۇ قۇرۇمايدۇ. بولدى، شالدىمىڭنى ئېقىتما، مەن سېنى بىلىمەن.
بىئولوگىيە
<تۈكۈرۈك> ياكى <شال> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۆلگەي بەزلىرى ۋە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرىدىكى كىچىك شۆلگەي بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ئارىلاش سۇيۇقلۇق. رەڭسىز، تەمسىز، نېيترالغا يېقىن (1.7 - 6.6 PH)، تەركىبىدە زور مىقداردا (تەخمىنەن 99 پىرسەنت) سۇ ۋە ئاز مىقداردا ئورگانىك ماددا ھەم نېئورگانىك تۇزلار بولىدۇ. ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئاساسلىقى مۇتسىن (مۇكوپروتېئىن) بولغاچقا شۆلگەيدە شىلىمشىق خۇسۇسىيەت بولىدۇ. شۆلگەي ئېغىز بوشلۇقىنى قۇرۇشتىن ساقلاش، ئوزۇقلۇقنى نەملەش، ئوزۇقلۇقنى ئېرىتىپ يۇتۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش ھەم تەم سېزىمىنى قوزغاش روللىرىغا ئىگە. شۆلگەيدىكى لىزوزىملار مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە. ئادەم ۋە ئاز ساندىكى ئېمىتكۈچى ھايۋانلار مەسىلەن، توشقان، چاشقان قاتارلىقلارنىڭ شۆلگىيى تەركىبىدە شۆلگەي ئامىلازىسى بولۇپ، نېيترال مۇھىت شارائىتى ئاستىدا كراخمالنى مالتوزاغا پارچىلىيالايدۇ. شۆلگەي بېزىنىڭ ئاجرىتىش رولى يۇقىرى دەرىجىدىكى ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. شۆلگەينىڭ تەركىبى ۋە تەركىب مىقدرى ئوزۇقلۇقنىڭ خاراكتېرى ۋە غىدىقلاش سىجىللىقىغا قاراپ ئوخشاشمايدۇ. قۇرۇق ئوزۇقلۇقلار نىسبەتەن كۆپرەك شىلىملىق شۆلگەي ئاجرىتىلىشىنى قوزغاپ ئوزۇقلۇقنى نەملەش ۋە يۇتۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. زىيانلىق ماددىلارغا مەسىلەن، كىسلاتاغا قارىتا بولسا، زور مىقداردىكى سۇيۇق شۆلگەي ئاجرىتىپ نېيتراللاش ياكى سۇيۇلدۇرۇش ھەم ئېغىز بوشلۇقىنى يۇيۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەم ئۇزۇن مۇددەت كۆپ قەنتلىك ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلسا شۆلگەيدىكى ئامىلازانىڭ كونسېنتراتسىيىسى ئاشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىئولوگىيە
رېفلېكس تەسىرىدە ئېغىز بوشلۇقىدا پەيدا بولىدىغان سۇيۇقلۇق، شال.
شۆلگەي بېزى.