Uyghurئاساسىي لۇغەت
شۆھرەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان زور ھۆرمەت، قەدىر - قىممەت، ئابروي، ئىجابىي خىسلەت، چوڭ داڭق.
ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. ھەقىقەت يولىدا ئازاب چېكىشمۇ شەرەپ. شەرەپ بىلەن غەلبە بىر تۇغقان قوشماق. شۆھرەتكە ئىنتىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ رەزىل ھەۋەستۇر. بىلمەمسەن، كىمكى بۇزدى ئەھد - پەيمان، بۇ توپتا تاپمىدى شەۋكەت يا شان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
نومۇس، ئىزا، ئاھانەت، ئىزا - ئاھانەت، ئار - نومۇس
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ياخشىلىق بىلەن خەلقنىڭ ئىچىدە ئېرىشىلگەن نام - ئابرۇي، ئىناۋەت؛ ئاتاق، داڭق.
شۆھرەت تاپماق. شۆھرەت قازانماق.
شائىرنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ بىر كۆرۈش ئارزۇسىدا بولغانلار كۆپ ئىدى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
شۆھرەت
مەشھۇر بولماق، تونۇلماق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
مەشھۇرلۇق، ئۇلۇغلۇق، شەۋكەتلىك.