Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
十年战争
دائىرە: دۇنيا تارىخىئون يىللىق ئۇرۇش
1868 - 1878 - يىلى كۇبانىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى بولۇپ، ئۇ 30 يىللىق ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىدى. 1868 - يىلى 01 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كۇبانڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئوربېنتى ئۆلكىسىنىڭ مائېرىسترا تاغ رايونىدىكى يارا كەنتىدە پومېشچىك، ئادۋوكات سېسپېدېس (1819 - 1874) ھەممىدىن ئاۋۋال مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلارنىڭ شوئارى مۇستەقىل بولۇش ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى يوقىتىش، ئۇنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئەمگەكچى ئاممىدىن تەركىب تاپقان. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئاگرامونتى (1841 - 1873)، گومېز ۋە ماسېئو قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە شەرقىي ئۈچ ئۆلكىنى تېزدىن قاپلىغان. 1869 - يىلى 4 - ئايدا، ئاساسىي قانۇن چىقىرىلىپ، مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلانغان، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ھەمدە سېسپېدېس زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. (1869 - 1873). قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئىسپانىيىنىڭ كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكەپ قورشاپ يوقىتىشى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇشتا بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن. 1878 - يىلى 2 - ئايدا <زان - خۇن شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. كۇبا مۇستەقىللىككە ئىگە بولالمىغان. ئىسپانىيە بولسا چوڭ كەچۈرۈم قىلىشقا ماقۇل بولغان ھەمدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.