Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرھى ۋىقايە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنى ئۇبەيدۇللا بىننى مەسئۇد (؟ - 1344 ياكى 1346) يازغان. سۈننىي مەزھىپى كۆپ قوللىنىدىغان فىقھە كىتابلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ <ئەل ۋىقايە> نىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە ئۇنى شەرھلىگەن. بۇ ئەسەر ھەنەفىيە شەرىئىتى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا تارقالغان. بەزى دۆلەتلەر ( مەسىلەن، ھىندىستان) دىك مەدرىسلەردە <ئەل ھىدايە فىل فۇرۇئ> دىن كەڭ قوللىنىلدى. ئىستامبولدىكى ئۆلىمالارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئەقى يۈسۈف بىننى يۈنىدنىڭ 15 - ئەسىردە يازغان <چالپى> ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھى كىتابى بولۇپ، 1486 - يىلىدىن 1495 - يىلىغىچە يېزىلىپ، تەخمىنەن 1829 - يىلى كالكۇتتادا رەسىمىي نەشر قىلىندى.