Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەرەپ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
نومۇس، ئىزا، ئاھانەت، ئىزا - ئاھانەت، ئار - نومۇس
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان نەرسە ياكى ئىش؛ پەخىر، ئىپتىخار.
شەرەپ تاپماق. شەرەپ تاختىسى.
ياخشى ئىش تۈپەيلىدىن خەلق ئارىسىدا ئېرىشكەن نام، ھۆرمەت، داڭق، ياخشى ئاتاق.
يېقىندا 28 ياشلىق بىر ياش ئىنژېنېرلىق شەرىپىگە ئېرىشتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
شاراپ، شاراپخان
ئۇلۇغلۇق، پەخىر، قىممەت؛ ئۈستۈنلۈك