Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەبنەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شەبنەم:
بىلۇرمەن ئىككىڭىز ھەيران ئېرۇرسىز،
كۆزى شەبنەم كەبى گريان ئېرۇرسىز.
موللا پازىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋادىكى ھورنىڭ تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىشىدىن سۇغا ئايلانغان تامچە.
ئۇسسۇغان ئېيىق شەبنەم يالار. شەبنەمگە ئۇسسۇزلۇق قانماس. يامغۇردا قالغان قىراۋدىن قورقماس.
ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملار
ياز ۋە كۈز پەسىللىرى ئەتىگەن مەزگىلىدە، بىز دائىم بەزى ئوت - چۆپ ۋە يوپۇرماقلاردا پارقىراپ تۇرىدىغان كىچىك سۇ تامچىلىرىنى كۆرىمىز، مانا بۇ شەبنەم دېيىلىدۇ. قەدىمكى زاماندا، كىشىلەر شەبنەمنى باشقا ئاسمان جىسىملىرىدىن چۈشكەن گۆھەر سۇ دەپ قارايتتى، شۇڭا نۇرغۇن تېۋىپلار ۋە كىمىياگەرلەر شەبنەم سۈيىنى يىغىشقا ئەھمىيەت بەرگەنىدى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا ھەم «قېرىماسلىق كۇمۇلىچى» نى ياسىغانىدى. ئەمەلىيەتتە شەبنەم ئاسماندىن چۈشكەن بولماستىن، بەلكى يەر يۈزىدە شەكىللىنىدۇ.
شەبنەمنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققىلى بولىدۇ. بىز سوغۇق ئىچىملىكنى ئىستاكانغا قۇيغان ۋاقتىمىزدا، ئىستاكاننىڭ سىرتقى يۈزىدە دەرھال بىر قەۋەت نېپىز سۇ تامچىسى ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىستاكاننىڭ سىرتىدىكى ئىسسىق ھاۋا ئىستاكان دىۋارى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا سوۋۇپ تويۇنغان ھالەتكە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم سۇ پارى ئىستاكاننىڭ سىرتقى يۈزىدە كوندېنساتسىيىلىنىپ، كىچىك سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. ھاۋا ئوچۇق ۋە بۇلۇتسىز، شامال ئىنتايىن ئاجىز بولغان كېچىلىرى يەر يۈزىدىكى گۈل - گىياھ، تاش قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشى ھاۋانىڭكىدىن تېز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تېمپېراتۇرىسى ھاۋانىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. بىرقەدەر ئىسسىق بولغان ھاۋا يەر يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولغان بۇ ماددىلارغا يولۇققاندا تويۇنغان ھالەتكە يېتىدۇ ۋە بۇ ماددىلارنىڭ يۈزىدە كوندېنساتسىيىلىنىپ ئۇششاق سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، مانا بۇ بىز دائىم كۆرىدىغان شەبنەم. ئەگەر كېچىسى سەللا شامال چىقسا، سۇ پارىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشى بىلەن قۇرغاقلىشىپ كەتكەن ئەسلىدىكى ھاۋانى ئۇچۇرۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىللىق نەم ھاۋا ئۈزلۈكسىز كىرىپ تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ - دە، تېخىمۇ چوڭراق بولغان شەبنەم تامچىلىرى شەكىللىنىدۇ.
شەبنەم زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى پايدىلىق، بۇنىڭ سەۋەبى، تومۇز ياز كۈنلىرى، كۈندۈزى زىرائەتلەرنىڭ فوتوسېنتىز رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردىكى سۇنى پارلاندۇرۇۋېتىدۇ - دە، يېنىك دەرىجىدە سولىشىپ قالىدۇ. كەچلىكى شەبنەمنىڭ سۇ تولۇقلاپ بېرىشى بىلەن زىرائەتلەر قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نەم ھاۋا زىرائەتلەرنىڭ توپلىغان ئورگانىك ماددىلىرىنى ئايلاندۇرۇشى ۋە توشۇشىغا پايدىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مېتېرېئولوگىيە
يەر يۈزى ياكى يەر يۈزىگە يېقىن تۇرغان جىسىملار ئۈستىدە پەيدا بولىدىغان سۇ تامچىلىرى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، زوردۇن سابىرنىڭ تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ 80 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان <تاغ كەينىگە ئۆتكىچە>، <باھار بوۋاينىڭ كۈنلىرى>، <تۆھپە>، <كومبايىن>، <ئورمان مۇھاپىزەتچىسى>، <ئەپۇ>، <دولان ياشلىرى>، <قوبۇلخانىدا> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.