Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاخت دېلوسى
دۇنيا تارىخى
1928 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان دونباس شاخت كان رايونىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلات دېلوسى. بۇ تەشكىلات ئەكسىيەتچىل سانائەت پارتىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1922 - 1923 - يىللىرى كونا مۇتەخەسسىس، كارخانا خوجايىنلىرىدىن تەشكىل تاپقان. 1925 - يىلىدىن باشلاپ، <پارىژ باش شتابى> (چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىل تاپقان)نىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە چەت ئەل جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، كان رايونى قۇرۇلۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلغان، ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك، تۇرمۇش ئەھۋالىنى يامانلاشتۇرغان، شاختلارنى پارتلاتقان، ماشىنا - ئۈسكىنىلەرنىڭ بۇزۇپ، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا ئوت قويغان. ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ مۇھىم بولغان كۆمۈر سانائەت بازىسىنى ۋەيران قىلىپ، سوتسىيالىستىك سانائەتلىشىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىدى. بۇلاردىن 49 نەپەر بۇزۇق ئۇنسۇرغا قاماق جازاسى بېرىلگەن.