Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاخت
دۇنيا تارىخى
(1877 - 1970) گېرمانىيە بانكىسى لېدىرى، گىتلېرنىڭ ئىقتىسادىي مىنىستىرى، دانىيىدە تۇغۇلغان. كىل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1908 - 1915 - يىللىرى درېسدېن بانكىسىدا خىزمەت قىلغان. 1923 - 1930 - يىللىرى گېرمانيە دۆلەت بانكىسىنىڭ باش لېدىرى بولغان. 1931 - يىلى <ھارىتسىبۇرگ سېپى>نى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، گىتلىرنىڭ تەختكە چىقىشىنى قوللىغان. 1933 - يىلى ناتسىستلار ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، دۆلەت بانكىسىنىڭ لېدىرى ۋە ئىقتىسادىي مىنىستىرى، ئۇرۇش ئىگىلىكى تولۇق ھوقۇقلۇق باش ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، فاشىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئۇرۇش ئىگىلىكىنى پائال تۈردە پىلانلىغان ۋە تەشكىللىگەن. كېيىن گىتلېر ۋە گئۇرنگ بىلەن ئىختىلاپ پەيدابولغان. 1944 - يىلى 7 - ئايدا گىتلىرغا قارشى مەخپىي سۈيقەست قىلدى دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى ۋە گېرمانىيەسوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان، 1948 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1953 - يىلى دىيۇسېلدورفدا خۇسۇسىي بانكا قۇرغان. ئۇنىڭ <مېنىڭ 76 يىللىق ھاياتىم>ناملىق ئەسىرى بار.