Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاستىرى
دۇنيا تارىخى
(1904 - 1966) ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى (1964 - 1966). دەسلەپكى يىللاردا گەندى تەسىس قىلغان مىللەتلەر داشۆسىدە ئوقۇغان، 1920 - يىلى گەندى رەھبەرلىك قىلغان ئەنگىلىيىگە قارشى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1935 - 1938 - يىللىرى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى بىرلەشمە ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1947 - يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شىمال شتاتى ساقچى ۋە ترانسىپورت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1951 - يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان، شۇ يىلى قوشما شتات پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆمۈريول مىنىستىرى، قاتناش - ترانسپورت مىنىستىرى، سودا - سانائەت مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1963 - يىلى مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەخسۇس خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1964 - يىلىنىڭ باشلىرىدا يەنە ھۆكۈمەت ئىشىغا كىرىپ، بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. شۇيىلى 6 - ئايدا نېھرۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىندىستان زۇڭلىسى بولۇپ، نېھرۇنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىككىنچى قېتىملىق ھىندىستان - پاكىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1966 - يىل 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تاشكەنتتەپاكىستان زۇڭتۇڭى ئايۇپخان بىلەن <تاشكەنت خىتابنامىسى>نى ئىمزالىغان. ھۆججەت ئىمزالىنىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلى توساتتىن قوزغىلىپ ۋاپات بولغان.