Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاشماق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تاڭ قالماق، ھەيران قالماق، ئەجەپلەنمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىرغاندا قارغۇدىن يول سوراپتۇ. بۇيرۇغان ئالار، ئالدىرىغان قالار. ئالدىرىغان ئېدىرغا تاقىشار. ھودۇقماي - شاشماي ئىشلە، غەلبە سېنىڭ . ئاشىققان ئارقىسىدا قالار. پەخرىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈردى. توي كۈنى ھەممە ئالدىراش، ئانىنىڭ پۇت - قولى يەرگە تەگمەي قالدى.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئالدىرىماق، ھولۇقماق، ئەندۆرىمەك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھەل قىلماق، يەشمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قايمۇقماق، ئالدىرىماق، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئالدىرىماق، ھولۇقماق؛ ئېسەنگىرىمەك.
شاشماي قىلمامسەن، ئالدىرمايدىغان ئىش يوق، - دېدى تاغىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ.