Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاگۇ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى جەھرىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبە سۈلۈك ھېسابلىنىدۇ. نىڭشانىڭ شىجى ناھىيىسىدىكى شاگۇنى مايۈەنچاڭ دىنىي تەرغىبات بازىسى قىلىدۇ. 1920 - يىلى مايۈەنچاڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جەھرىيە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ 4 - ئوغلى ماجىڭۋۇ ئۆزىنى سەككىزىنچى ئەۋلاد ئىمام دەپ، شاگۇنى مەركەز قىلىپ سۈلۈك قۇرىدۇ. بۇ سۈلۈك شۇ جاينىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. كېيىن مايۈەنچاڭنىڭ ئۇكىسى مايۈەنچاۋ نەسەبىنىڭ مايۈەنچاڭ بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدا چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە مايۈەنچاڭنىڭ قەبرىسىنى جاڭجياچۇەندىكى بېيشەنگە يۆتكەپ، گۈمبەز سېلىپ، <بېيشەن سۈلۈكى> دەپ ئاتايدۇ. شاگۇ سۈلۈكى ئەقىدە تەشەببۇسى ۋە دىنىي قائىدە جەھەتلەردە جەھرىيەگە مەنسۇپ باشقا سۈلۈكلەر بىلەن ئانچە تېپىشمىسىمۇ، لېكىن، نەسەبكە ۋارىسلىق قىلىش، دىن تەرغىب قىلىدىغان رايون جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. بولۇپمۇ نەسەبكە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ سۈلۈكنىڭ ئادەملىرى ئاساسلىق نىڭشادىكى شىجى، گۇيۈەن، جىڭيۈەن، خەييۈەن، ۋۇجۇڭ، خېشىلارغا ۋە گەنسۇ، شىنجاڭ، گۇيجۇ، يۈننەننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان.