Uyghurئاساسىي لۇغەت
شاگىرت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئۇستىدىن ھۈنەر ئۆگەنگۈچى.
ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار. ئۇستام تۆت - بەش نىمكارغا ھۈنەر ئۆگىتىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مەلۇم بىر ھۈنەرۋەن، كاسىپتىن ھۈنەر ئۆگەنگۈچى كىشى.
ئوقۇغۇچى، تالىپ.
- ھازىرقى موللىلارنىڭ كۆپلىرى توختىئاخۇن خەلپەمنىڭ شاگىرتلىرى، - دېدى دادام ماڭا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ.
بىرەر كىشىنىڭ پىكرى يا تەلىماتىنىڭ قوللىغۇچىسى، تەرەپدارى، ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى.
بىز ئۇلۇغ ماركسىزمچى ماۋزېدوڭنىڭ شاگىرتلىرى.