Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەرۋەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يېتەكچى، يولباشچى، باشلىق:
تۈمەن جىلۋە بىرلە كىرىپ ئول پەرى،
كى مەكتەپ ئارا خۇبلار سەرۋەرى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يولباشچى، يېتەكچى، رەئىس، قەبىلە باشلىقى؛ ئىگە، خوجايىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىل _ پاراسىتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئەل _ يۇرتقا باشچىلىق قىلىدىغان ئەرباب.
داھىي دانا بولسۇن. ئېشەك يولباشچ بولسا، ھەممىنىڭ تۈگەشكىنى شۇ. قانائەتنى قولغا كىرگۈزسەك ئەي دىل، ئارام دۇنياسىدا ئۆزۈڭنى سەرۋەر بىل. سەردار سەزگۈر بولسۇن. ئاغىسىز ئەل بولماس، ياقىسىز تون. ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ لىدېرى ماجۇر ئەنگىلىيە ئىچكى كابېنىتنڭ باش ۋەزىرى بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يول باشلىغۇچى، يولباشچى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
يولباشچى، باشلىق، رەھنەما.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
يېتەكچى