Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەي جىنجۇ
دۇنيا تارىخى
(1892 - 1973) ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى. ئەسلى ئىسمى پەرل سېدېنىستىرىكېربوك، سەي جىنخۇ ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق پاھىشە ئايال <سەي جىنخۇا>نى دوراپ قويۇۋالغان خەنزۇچە ئىسمى. مىسسىئونېر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت تۇرغان. كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ، داشۆدە ئوقۇغان. 1922 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئومومەن جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. لېكىن كۆپ ھاللاردا جۇڭگو جەمئىيىتى بۇرمىلانغان. ئاساسلىق ئەسىرى <ئىقلىم>. بۇنىڭدىن باشقا يەنە <بالىلار>، <ئايرىلىش>، <ئەجدىھانىڭ ئوغلى>،<ئىمپېرىيە ئاياللىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. <سو بويىدا>نى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. 1938 - يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.