Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەيد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوۋ، شىكار، ئوۋلانغان نەرسە:
سەيد يى پەرۋا يۈرۈر گەر ئەتمىش غەمزەدىن كۆڭلۈم فىگار،
مىڭ كۆڭۈلنى سەيد ئېتەرسەن ئەيلەگەننىڭ مەررەسى،
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوۋ، ئوۋلىنىدىغان جانىۋار، ئوۋ قىلماق: سەيد ئەفكەن - ئوۋچى، ماھىر ئوۋچى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: سەيدبى پەرۋا يۈرۈر گەر شەھبازى بولماسا، مەملىكەت ۋەيران بولۇر شاھنىڭ ئايازى بولماسا. (زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دالىدا ھايۋان، ئۇچار قاناتلارنى تۇتۇش ئىشى.
<قىلماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
شانىيار ئوۋغا چىقسا، كەينىدىن غوۋغا چىقار. بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. شەنبە شىكار، ئازنا بىكار. ئۆتكەن ھەپتە ئۇلانبايغا ئاخوتقا چىقتۇق.