Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەھرايى كەبىر قۇملۇقى
بىئولوگىيە
ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق، ئۇ شىمالدا ئاتلاس تېغىنىڭ جەنۇبى، شەرققتە قىزىل دېڭىز، جەنۇبتا سۇدان دالىرى بىلەن گۋېنىيە ئېگىزلىكى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مىسىر، سۇدان، لىۋىيە، چاد، تۇنس، ئالجىرىيە، نېگىر، مالىي، ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 8 مىليون كۋادرات كىلومېتردىن ئوشۇق بولۇپ، غەربتىن شەرققە بولغان ئۇزۇنلۇقى 5600 كېلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 1600 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي مەيدانى پۈتۈن ئافرىقا مەيدانىنىڭ 3/1 قىسمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدۇ. سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ يەر ۋەزىيىتى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 250-500 مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا ئاخاڭگار، تېبىستى قاتارلىق تاغلار بار. ئۇلارنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3415 مېتىر بولۇپ، سەھرايى كەبىر بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. سەھرايى كەبىرنىڭ ئوتتۇرا قىسىمدىن شىمالىي تروپىك سىزىقى كېسىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا قۇياش نۇرى تىك چۈشكەچكە، ئىقلىمى ئىسسىق، قۇرغاق كېلىدۇ. كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرىسى℃ 30-℃40، ئايرىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 58 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپ قىسىم جايلىرىدا 50 مىللىمتېر، بەزى جايلىرىدا يىل بويى يامغۇر ياغمايدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەردە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ھۆل - يېغىنى نىسبەتەن كۆپرەك بولىدۇ. سەھرايى كەبىرنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق ئىسسىق بولغانلىقتىن، بۇ جايدا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ ئەمەس، پەقەت ئىسسىقتا چىداملىق، ئۇزۇن يىلتىزلىق چاتقال تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. ھايۋاناتلىرىدىن تۆگىقۇش، تۆگە، كىيىك، يىلان قاتارلىقلار كۆپ ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدىسى تۆگىقۇش بىلەن تۆگە ھېسابلىنىدۇ.