Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەھل تۇستەرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(818 - 896)قىسقارتىلىپ تۇستەرى دېيىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن. سىرلىقلاشتۇرغۇچى. پرسىيىدىكى تۈستەردە دۇنياغا كەلگەن. ئىلمىي تەۋھىد ھەققىدە نۇرغۇن نەزەرىيىۋى ئەسەرلىرى ۋە تەھىلىللىرى بار. سوپىلار تۇستەرىنى ھۈسەين بىننى مەنسۇر ھەللاجنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى، دەپ قارايدۇ. <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئايەتلىرىنى ھەممىدىن بۇرۇن تەسەۋۋۇپچىلىق بىلەن شەرھلىگەن ئۆلىما. ھەدىسكە <مەن مەندۇرمەن، ئۇ ئۇدۇردىن باشقا، مەن ئۇدۇرمەن، ئۇ مەندۇر> دەپ ئىزاھات بېرىپ، تەسەۋۋۇپچىلىققا <قەلىبلەرنىڭ ئۇچرىشىشى> ۋە <بىر بولۇپ كېتىشنىڭ سىرى> توغرىسىدا نەزەرىيىۋى ئاساس يارىتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسىغا شاگىرتى سالىم ۋارىسلىق قىلىپ <سالمىيە> نى بەرپا قىلدى.