Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەدىقە بالانى يەر توۋا گۇناھنى يەر
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر»بۇ، يوقسۇل - نامراتلارغا قىلىنغان خەير - ئېھسان، ياخشىلىق باشقا كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر، پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، خاتالىقىنى تونۇغان، يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى يولغا مېڭىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەمنىڭ گۇناھى ئەپۇ قىلىنىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.