Uyghurئاساسىي لۇغەت
سەدىقە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خالىس ياردەم، ياخشىلىق.
« بۇشى » خەنزۇچە:布施
ھىبىلىك ئشتا خەير يوق. خەير _ ئېھسان بار، خالتا يوق. خەيرىيەت ئىشى _ ئۇلۇغ ئىش. بىر سائەتلىك ساخاۋەت مىڭ سائەتلىك ئىبادەتتىن ئەلا. سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى.
بىئولوگىيە
جۇڭگونىڭ بەزى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي زاتلارغا ۋە يوقسۇللارغا بېرىدىغان سەدىقىسى بولۇپ، دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، سانى چەكلەنمەيدۇ. دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنىي زاتلار جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ <جۈمە سەدىقىسى> ئالىدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن پۇل - مال ئىئانە قىلىشىمۇ <سەدىقە بېرىش> دېيىلىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<زاكات> مەنىسىگە ئىگە. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىختىيارەن بەرگەن بىر قىسىم مۈلكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەسلىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تەرغىب قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئىجتىمائىي تەشەببۇس ئىدى. كېيىن زاكات شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن سەدىقە قىلىنىپ، <ئىختىيارەن سەدىقە> سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
تىلەمچى ياكى موھتاجلارغا بېرىلىدىغان ئىنئام، خەير - ئېھسان.
مەخسۇت بەگ 30 مىڭ داچەن سەدىقە تارقاتتى.
نىجات ئىزدەپ، ئەزىز ئەۋلىيا - ئەنبىيالارنىڭ روھىغا ئاتاپ خۇدا يولىدا بېرىلىدىغان ئېھسان.
مەسچىتلەرنىڭ سەدىقە كىرىمىنى خەلققە، ئىسلامغا پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش كېرەك.