Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىبىرىيە خانلىقى
دۇنيا تارىخى
غەربىي سىبىرىيەنىڭ ئۇرال تاغ تىزمىلىرىنىڭ شەرقىدىن توبول دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىغىچە بولغان رايونلاردا تاتالار قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ئەسلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە بولغان. 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇستەقىل بولغان. لېكىن ئىچكى قىسىمدا بىر مۇنچە فېئودال خوجا يەرلىرىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، سىياسىيبىرلىك كەم بولغان. 1555 - يىلى موسكۋا كىنەزلىكىگە بېقىنىشقا مەجبور بولغان. كۇچۇمخان (تەخمىنەن 1563 - 1598) تەختكە چىققاندىن كېيىن، روسىيەنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان. 1581 - يىلى روسىيە يېرماك تىموفېۋىچنى كازاك ياللانما ئەسكەرلىرىنى باشلاپ سىبىرىيە خانلىقىغا بېسىپ كىرىشكە ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى پايتەخت سىبىر (يەنە بىر قىسمى ئىسكېر)نى ئىشغال قىلغان. كۇچۇم خان يايلاققا چېكىنىپ كەتكەن. 1584 - يىلى كۇچۇم خان لەشكەر تارتىپ چىقىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئىككىنچى يىلى يېرماكيېڭىلىپ، ئېرتىش دەرياسىغا چۆكۈپ ئۆلگەن، قالدۇق لەشكەرلىرى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. 1598 - يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى روسىيە قوشۇۋالغان.