Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىبېلىئۇس
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1957) فىنلاندىيىلىك كومپوزىتور. خامېئېنلىننادا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە پىئانىنو ۋە ئىسكىرىكا ئۆگەنگەن ھەمدە ئۆزلۈكىدىن مۇزىكا ئىجادىيتىى بىلەن شۇغۇللانغان. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىغا كىرىپ ئوقۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا يۆتكەلگەن. ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كيېىن 1889 - 1189 - بېرلىن ۋە ۋىنادا بىلىم ئاشۇرغان. 219 - يىلى <كولېفو> ناملىق سىمفونىيىلىك پوئېمنى يېزىپ داڭقى چىققان. روسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىك ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقتىن، بىرقىسىم ئەسەرلىرى ئۇزاققىچە مەنئىي قىلىنغان. 1897 - يىلدىن باشلاپ ئىش ھەققىدىن بەھرىمان بولغانلىقتىن، پۈتۈن زېھنى بىلەن مۇزىكا ئىجاد قىلغان. لېكىن 1926 - يىلدىن كېيىن بەكمۇ ئاز ئىجاد قىلغان. ئەسەرلىرى روشەن مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، سەنئەت ئىجادكارلىقىغا باي؛ كىشىلەر ئۇنى فىنلاندىيە مىللىي مۇزىكىسىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارىغان. يەتتە قىسىملىق سىمفونىيىلىك مۇزىكا، <ساگا> ۋە <فىنلاندىيىگە مەدھىيە> دېكلاماتسىيە ھەمدە سىمفونىيىلىك شېئىرلار خور مۇزىكىسى، پىئانىنو مۇزىكىسى، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.