Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساپايى
دائىرە: ئۇنىۋېرسالsà pà yī (yì zhǒng dǎ jī yuè qì ,duǎn gùn shàng zhuāng yǒu dà xiǎo chuàn lián de tiě huán , yì huàng jí xiǎng
萨帕依)一种打击乐器,短棍上装有大小串连的铁环, 一晃即响
دائىرە: ئۇيغۇر چالغۇلىرى沙巴依
shā bā yī
بۇ قەدىمكى زامان سوقما چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دەسلەپتە ياۋا ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان. ھازىرقى ساپايى ئۆرۈك، ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىككى تال دۈگىلەك ياغاچ ساپنى بىر - بىرىگە جۈپلەپ، ئۈستىگىرەك ئورۇنغا ئىككى تال چوڭ تۆمۈر ھالقا بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ (بەزىدە بىر تال ياغاچ ساپتىن ياكى ئۆچكە مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ). ھەر بىر تۆمۈر ھالقىغا 10 نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۈر ھالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ. ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە كىچىك تۆمۈر ھالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىدىغان ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ.
ساپايى چالغان چاغدا ياغاچ ساپنىڭ ئاستىدىكى تەرىپىدىن چىڭ تۇتۇپ، جەينەك ۋە قول بوغۇملىرىنىڭ ئەركىن - ئازادە ھەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يۇقىرى - تۆۋەنگە ئۇدارلىق، رىتىملىق ھالدا ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، تۆمۈر ھالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ. نەتىجىدە، مۇزىكا رىتىمىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ. ساپايىنىڭ دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر، چوڭ ھالقىنىڭ دىئامېتىرى 9 سانتىمېتىر، كىچىك ھالقىلارنىڭ دىئامېتىرى 3 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. چېلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرىقى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ھەر بىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈڭگۈز، قول، يەر ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ.
شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى
جاي نامى
(مارالبېشى ناھىيىسى)
萨帕也
sà pà yě
GetWord كۇللىياتى
9萨帕依(一种打击乐器,短棍上装有大小串连的铁环,一晃即响)
萨帕依(一种打击乐器,短棍上装有大小串连的铁环,一晃即响)
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.