Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانتاروسا
دۇنيا تارىخى
(1783 - 1825) ئىتالىيە گۈللىنىش ھەرىكىتى مۆتىدىل ئەركىن مەزھىپىنىڭ ۋەكىلى. 1821 - يىلى، پىئېمونتې ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ھەربىي ۋەزىرلىكنى ئۆتىگەن ھەمدە ۋاقىتىلىق ھۆكۈمتنىڭ ئەمەلىي باشلىقى بولغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ <پىئېمونتې ئىنقىلابى توغرىسىدا> دېگەن ئەسلىمىسى نەشىر قىلىنغان، 1822 - يىلى فرانسىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن ئەنگىلىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1824 - يىلى گرېتسىيىگە بېرىپ، گرېتسىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن فرونتتا ئۆلگەن.