Uyghurئاساسىي لۇغەت
سان سالۋادور
بىئولوگىيە
ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى سالۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. سان سالۋادور شەھىرى سالۋادور قۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سان سالۋادور يانار تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوماكاس دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 680 مېتىر كېلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى 437 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). سان سالۋادور شەھىرى 1525 - يىلى قۇرۇلغان. 1834 - يىلدىن 1839 - يىلىغىچە ئوتتۇرا ئامېرىكا بىرلەشىمىسىنىڭ پايتەختى بولغان. 1840 - يىلىدىن باشلاپ ساۋالدور جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەر كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ۋەيران بولغان. كېيىن قايتا قۇرۇلۇپ تەدرىجىي زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. سان سالۋادور دۆلەتنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەردە توقۇمىچىلىق، تاماكا، شېكەر، يېمەك - ئىچمەك، كۆن - خۇرۇم، قەغەز، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسەن كوفى، شېكەر قۇمۇشى، شال قاتارىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. سان سالۋادور ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە بارىدىغان خەلقئارا تۆمۈريول، تاشيول لىنىيىلىرى بار. شەھەردە ئالىي مەكتەپلەر، موزېيخانىلار، 18 - ئەسىردە قۇرۇلغان قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، دەم ئېلىش، ساياھەت ئورۇنلىرى بار.