Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساندىيا مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى تاش قورال دەۋرىدىكى بىرخىل مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ يېڭى مىكسىكا شتاتىدىكى ئالبۇكېركې ئەتراپىدىكى ساندىيا ئۆڭكۈرىدە تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۆڭكۈر ئىچىدىكى تۆۋەنكى قاتلامدا ئىككى مەدەنىيەت قاتلىمى بولۇپ، ئۆڭكۈر ئاستىدا تاشتىن ياسىغان ئوچاق، ئوچاق ئەتراپىدا كۆيدۈرۈلگەن ئۇستىخانلار، چاقماقتاش پارچىلىرى، ئۇچلانغان يىرىك ئىشلەنگەن ياۋايى ھايۋان ئۇستىخانلىرى بار. شۇنىڭدەك خېلى رەتلىك، يوپۇرماق شەكلىدىكى، ئىككى بىسى ئۇچلاپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەنگەن ئۇچلۇق قوراللارمۇ بار، ئۇنىڭ دۈمچىكى بار. دەۋرى تەخمىنەن بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىلچە ئىلگىرى