Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانو ئاكىياما
دۇنيا تارىخى
(1865 - 1917) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. سىياسەتچى. ئېدو (ھازىرقى توكيو)دا ۋاسسال مەھكىمىسىدىكى رەسەتخانا بېگى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تويو ئاگاخو مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا خەلق دوستى جەمئىيىتىگە قاتناشقان، <مىللىي خەۋەر> گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولغان. 1897 - يىلى <خوئوسا تارىخى> مەسئۇل تەھرىر بولغان. 1898 - يىلى <شىن ئانو كۈندىلىك خەۋەرلىرى>نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1903 - يىلى <مۇستەقىللىك ئوبزورى> ژورنىلىنى چىقارغان.1905 - يىلى دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. تارىخىي ئىلىم جەھەتتە ئىنسىتىتۇتچىلارغا قارشى تۇرغان. <ئۇڭئۇسوراي>، <فىڭتەيخې>، <ھازىرقى زامان پۇل ھوقۇق تارىخى ئەسەرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. كېيىن <سانوئاكىياما تارىخىي توپلىمى> نەشىر قىلىنغان.