Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانلىق مىقدار گېنېتىكىسى
بىئولوگىيە
بىئومېترىيىلىك گېنېتىكا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گېنېتىكىنىڭ سانلىق مىقدار ئالامىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تارمىقى، شۇنداقلا مېندېلچە گېنېتىكىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى تەرەققىياتى. سانلىق مىقدار ئالامىتىنىڭ ئىرسىيىتى سۈپەت ئالامىتىنىڭ ئىرسىيىتىگە ئوخشىمايدۇ. شالغۇت كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىدىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى مېندېلچە ئىرسىيەتنىڭ ئايرىلىش نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. سانلىق مىقدار ئالامىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوڭايلا مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا سانلىق مىقدار گېنېتىكىسى تەتقىقاتىدا گېن تىپى بىلەن مۇھىتنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىغا بولغان تەسىرىنى ئايرىۋېلىش لازىم. سانلىق مىقدار گېنېتىكىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە تىكلەنگەنىدى. مەزمۇنى 50 - يىللاردىن بۇيان، بىئوستاتستىكىدىن باشقا ماتېماتىكىنىڭ تارماق پەنلىرىدىن، سىزىقلىق ئالگېبرا، كۆپ ئەزالىق ستاتىستىكا ۋە خالىغان جەريان قاتارلىقلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى بىئوستاتستىكا گېنېتىكىسىنىڭ مەزمۇنىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ باردى.