Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساياسان
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1880 - 1931)بېرما كارونچىلار ئۇيۇشمىسى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى. رۇيماۋ ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ يېزا دوختۇرى بولغان. كېيىن بېرما خەلق تەشكىلاتى باش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلارغاقاتناشقان. 1929 - يىلى <كارونچىلار ئۇيۇشمىسى>نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشمىنىڭ يولباشچىلىقىغا سايلانغان. 1930 - يىلى تاراۋادىي رايونىدىكى دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگىلىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ قىلغان. ئىككىنچى يىلى قاماققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.