Uyghurئاساسىي لۇغەت
سايادابات ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
تۈركىيە، ئافغانىستان، ئىران، ئىراق ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى< دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كېڭىشىپ، 1935 - يىلى 10 - ئايدا جەنۋە لايىھىسى ئىمزالانغان. 1937 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېھراندىكى سايادابات ئوردىسىدا رەسمىي ئىمزالانغان. جەمئىي 10 ماددا بولۇپ،ئۇنىڭدا كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، ھازىرقى دۆلەت چېگرىسىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش مۇناسىۋىتى بەلگىلەنگەن. ياندۇرقى يىلى 6 - ئايدا كۈچكەئىگە بولغان. ئىناۋەتلىك مۇددىتى بەش يىل بولغان.