Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رېۋېلاتىئن
دائىرە: دۇنيا تارىخى启示录
qǐ shì lù
خرىستىئانلارنىڭ <ئىنجىل> نىڭ كېيىنكى جىلدى. بۇنىڭ ئاپتورى ئۆزىنى جۇن دەپ ئاتىۋالغاچقا، <جۇن رېۋېلاتىئونى> دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ، قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ <رېۋېلاتىئونى ئەدەبىياتى> ژانىرىنى قوللىنىپ، <پال ئېچىش>، <بېشارەت بېرىش> ئۇسۇلى بىلەن <قىياپەت> ۋە <قىددىسنىڭ يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىشى> مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. زالىم ئىستىبداتلىق تۈزۈمىدىكى رىمنى بابىلوندىكى <چوڭ پادىشاھ>، <يەتتە باشلىق يالماۋۇز> غا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەپ، بابىلون شەھىرى <پارە - پارە> بولغۇسى دەپ قارغىغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭمۇ بۇنداق مەسىھ ئەيسانى <ئوڭ قولىغا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر شەمشەر چىقىۋاتقان، چىرايىدىن كۈنگە ئوخشاش نۇر يېغىۋاتقان> قىلىپ تەسۋىرلىگەن. روشەنكى، بۇ يەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئەيسا ئادەمگە ئەمەس بەلكى ئىلاھقا ئوخشىتىلغان. ب كىتاب ئالاھازەل مىلادىن 68 - 69-يىللىرى، يەنى خرىستىئانلارغا تۇنجى قېتىم زىيانكەشلىك قىلغان ئىمپېراتور نېروننىڭ ئاخىرقى يىللىرى ياكى ۋېسپاسىئان پەلەستىندىكى يەھۇدىيلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان مەزەىلىدە <ئىنجىل> نىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر پارىسى سۈپىتىدە يېزىلغان بولسا كېرەك، دەپ قارالماقتا، بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ھېلىمۇ پىكىر - ئىختىلاپلىرى بار، بىراق ئومۇمەن ئۇنىڭ <ئىنجىل> ئىچىدە بۇرۇنراق يېزىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. بۇ كىتاب دەسلەپكى دەۋردىكى خرىستىئان دىنىنى ۋە خىرىستوس ئەيسانىڭ ئىنسانلىق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.