Uyghurئاساسىي لۇغەت
روزانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈندۈزى، كۈن بويى، ھەر كۈنى:
رىزىق، ئوزۇق - تۈلۈك؛ كۈندىلىك تىرىكچىلىك كىرىمى:
1. ھەي - ھەي، نې گۇناھكار زەلىلىدۇرمەن،
شەب مەست، سەھەر بەڭگىۋۇ روزانە جۇنۇب.
زەلىلى.
2. بىھىشتىن چىقاردى نېچە دانەنى،
تېرىپ ئەيلەگىل رىزقى روزانەنى.
غەرىبى.
تىلەمچى گەدالارغە روزانەئى،
تويۇپ شادلىق بىرلە مەستانەئى.
غەربى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
تۇرمۇش، تىرىكچىلىك. مەسىلەن: قىرىق ئۆيلۈك ئەزانىڭ روزانىسى نەدىكى قىمارۋاز لۈكچەكنىڭ قولىغا قالغىنىنى كۆرمەمسىلە!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تىرىكچىلىك ۋە ئۇنىڭغا لازىملىق ئىقتىساد ۋە باشقا نەرسە - كېرەكلەر.