Uyghurئاساسىي لۇغەت
روزا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى. زولۇق يېگەندىن تارتىپ تا ئىپتا قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھېچ نەرسە يېمەسلىك، ئىچمەسلىك، چەكمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار. روزا تۇتتۇم جان ئۈچۈن، جاندا ئىمان بار ئۈچۈن، تۇتماي دېسەم قورقىمەن، گۆردە گۈرزى بار ئۈچۈن. رامىزاننى بىز تۇتساق، ھېيتنى باشقىلار ئوينىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<دىن> رامزان ئېيى داۋامىدا، سۈبھىدىن كۈن - پاتقۇچە - پۈتۈن كۈن يېيىش - ئىچىشتىن ئۆزىنى تۇتۇش ئادىتى.
روزا تۇتماق. روزىنى بۇزماق.
رامزان ئېيى.