Uyghurئاساسىي لۇغەت
روسېتا يادناىسى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش يادىنامىسى. مىلادىدىن تەخمىنەن 195 يىل ئىلگىرى تېبېس كاھىنى پادىشاھ پتولېمېي Ⅴ (مىلادىدىن 205 - 180 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) كە مەدھىيە ئوقۇپ ئويۇپ چىققان يادنامە. 1799-يىلى فرانسىيە (ناپولېئون) ئەسكەرلىرى نىل دەرياسى دېلتىسىدىكى روسېتا (ھازىرقى ئەل رەشىد) شەھىرى ئەتراپىدا ئاكوپ ياساۋاتقاندا تېپىۋالغان. ئۇ قارا رەڭلىك بازالىت تاش يادنامە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 107 سانتىمېتر، كەڭلىكى 67 سانتىمېتر، قېلىنلىقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتر كېلىدۇ. پادنامىگە مەزمۇنى ئوخشاش بولغان ئۈچ خىل يېزىق، يەنى مىسىر ئېروگېلېف يېزىقى، مىسىر ئېروگېلېف يېزىقىنىڭ يازما شەكلى ۋە يۇنان يېزىقى ئويۇلغان. يۇنان يېزىقى 1801 - 1802-يىللىرى تەرجىمە قىلى چىقىلغان. فرانسىيىلىك مىسىرشۇناس چامپوللىئون روسېتا يادنامىسىنى ئاساس قىلىپ، 1822-يىلى مىسىر ئېروگېلېف يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ ئىزاھلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. يادنامە ھازىر ئەنگلىيىنىڭ لوندون مۇزېيىدا ساقلانماقتا.