Uyghurئاساسىي لۇغەت
روسې
دۇنيا تارىخى
(1) جون ھوللان روسې (1855 - 1942) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. ياش ۋاقتىدا مانچېستېردىكى ئوۋېنىس ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1911 - 1933-يىللىرى كېمبرچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. پۈتۈن ھاياتىنى فرانسىيە زور ئىنقىلابى ۋە ناپولېئون دەۋرىنىڭ تارىخنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، جامائەت تەرىپىدىن ناپولېئوننى تەتقىق قىلغۇچى نوپۇزلۇق كىشى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، <ناپولېئوننىڭ مىجەزى> قاتارلىقلار بار. (2) ئېدۋارد ئالسۋورت روس (1866 - 1951). ئامېرىكىق سوتسولوگ ئىللىنوئىس شتاتىدا تۇغۇلغان. 1891-يىلى جونىس خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتورى بولغان. ستامفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كوننور ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇ جەمئىيەت ئىنسانلار روھىي ھالىتىنىڭ مەھسۇلى. ئادەمنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى ھەۋىسى ۋە ئارزۇسى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دەپ قارىغان. ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتى تەرەپتىن بارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەبنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئىجتىمائىي كونتروللۇق>، <ئىجتىمائىيەت قائىدىلىرى> ۋە ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى <70 يىلدىن بۇيان> قاتارلىقلار بار.