Uyghurئاساسىي لۇغەت
رومېن روللان
دۇنيا تارىخى
(1866-1944)فرانسىيە يازغۇچىسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى، پارىژ ئالىي سىفەن ۋە رىمفرانسىيە ئىنىستىتۇتىدائوقۇغان. تولىستوينىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1895-يىلى سەنئەت دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارىژئالىي سىفەندە سەنئەت تارىخى پروفېسورى ۋە پارىژ ئۇنىۋېرستىتىدامۇزىكا تارىخى پروفېسورى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تىنچلىقپەرۋەر مەيدانىدا تۇرۇپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن. 1916-يىلدىن باشلاپ گوركىي بىلەن خەت يېزىشىپ تۇرغان ۋە دوستلۇق ئورناتقان. روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى قىزغىن مەدھىيلىگەن. 20-يىللاردا ئاسىيانى زىيارەت قىلغان. ھىندىستانغا بارغان. 1925-يىلى تەرەققىيپەرۋەر ژۇرنال<ياۋروپا>نى تەسىس قىلغان. 30-يىللاردا ئۇرۇشقا قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 1932-يىلى ئامىستېردامدا ئېچىلغان ئۇرۇشقا قارشى خەلقئارايىغىننىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان. 1935-يىلى مۇسكۋانى زىيارەت قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى مەدھىيلىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە ۋە ياۋروپا ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللىغان. <بۆرە>، <دانتون>، <14-ئىيۇل>، <مىكىلانگېلونىڭ تەرجىمىھالى>، <بېخوۋېننىڭ تەرجىمىھالى>، <تولستوينىڭ تەرجىمىھالى>، <جون كرىستوپ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1915-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.