Uyghurئاساسىي لۇغەت
روھ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، جەسەتتىن ئايرىلىپ ياشايدىغان غەيرىي - تەبىئىي نەرسە.
بالام، _ دەيتتى ئانا، _ ئۆلگىنىمدىن كېيىن روھىمغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇت، ئەرۋاھىم سېنى قوللىسۇن.
بىئولوگىيە
ئىسلام دىنىدا قوللىنىدىغان سۆز. <قۇرئان كەرىم> دە <روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگار بىلىدۇ> غانلىقى ئېيتىلغان. <ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. >روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ< دېگىن، سىلەرگە ئازغىنا بىلىم بېرىلگەن> دېيىلگەن (17 - سۈرىنىڭ 85 - ئايىتى). روھ كۆپ خىل مەنىگە ئىگە: (1) روھنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) بېشارەتنى يەنى <قۇرئان كەرىم> نى كۆرسىتىدۇ؛ (3) روھۇل مۇقەددەسنى يەنى مالائىكە جىبرىئىلنى كۆرسىتىدۇ؛ (4) مالائىكىلەر بىلەن باراۋەر بولۇپ، ھەم ئىلاھىي خىسلەتكە، ھەم ئىنسان خىسلىتىگە ئوخشاش بولمىغان بىر خىل مەۋجۇتلۇق. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن، (زېمىنغا ئاللا تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ> (97 - سۈرىنىڭ 4 - ئايىتى). <جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە). ئۇلار (نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللانىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ> (78 - سۈرىنىڭ 38 - ئايىتى).
پسىخولوگىيە
بۇ ماتېرىيالىستىك پەلسەپىدە يۇقىرى دەرىىدە تەرەققىي قىلغان ماددا - مېڭىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىدىغان ئاڭ، تەپەككۇردىن ئىبارەت. ماددا روھنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئۆزى ماددىنىڭ ئالىي مەھسۇلىدۇ. ئادەتتە روھ دېگىنىمىزكىشىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ، دىندارلار بىلەن ئىدىيالىستلارنىڭ روھ دېگىنى ئىلاھلاشتۇرۇلغان ئاڭدىن ئىبارەت. دىندارلار روھ (جان) كىشى بەدىنىگە جايلاشقان ۋە بەدەننى ئىدارە قىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەۋجۇتلۇق. كىشى ئۆلگەندە روھ بەدەندىن ئايرىلىپ مەڭگۈ ياشايدۇ دەپ قارايدۇ. ماتېرىيالىسىتلار روھنى ئاڭ بىلەن بىر مەنىدىكى ئۇقۇم تەرىقىسىدە قوللىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئاساسەن كىشى ھايات ۋاقتىدا تەندە بولىدىغان، بىر خىل غەيرىي تەبىئىي ئامىل.
روھىغا ئاتىماق. روھىنى ياد ئەتمەك.
كۆچمە. ئىدىيە، ئوي - پىكىر.
ئۇنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە بولسا بىر ئالىيجاناب روھ لاۋۇلدىماقتا ئىدى.
كىشىنىڭ ئىچكى ھالىتىنى، پسىخىكىسىنى، ھېس - تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كەيپىيات.
كۆتۈرەڭگۈ روھ. روھى چۈشمەك.
كۆچمە. جانلىقلىق، جانلىنىش؛ پەيز.
شۇنىڭدىن كېيىن ئولتۇرۇشقا روھ كىردى.
ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ خاراكتېرلىك خۇسۇسىيىتى.
دەۋر روھى.
كۆچمە. بىرەر يىغىن، قۇرۇلتاي، ھۆججەت، يوليورۇق ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ياكى ئىدىيىسى.
قۇرۇلتاي روھى. يىغىن روھى.