Uyghurئاساسىي لۇغەت
رول
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى باشقۇرىدىغان ئەسۋاب
ماشىنىنىڭ رولى.* ۋېلىسپىتنىڭ رولى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كىنو، تىياتىرلاردا ئارتىسلار ئويناپ چىقىدىغان پېرسۇناژلار، شەخسلەر.
باش رول.* ياردەمچى رول.* رول ئالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تەسىر؛ ئۈنۈم؛ قۇۋۋەت.
پائال رول ئوينىماق.* ئۇنىڭ بۇ يەردە ھېچقانداق رولى يوق.* بۇ دورىنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
<فاتن> قاتناش قوراللىرىنىڭ يۆنىلىشىنى باشقۇرۇپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قۇرۇلمىسى.
ئاپتومۇبىلنىڭ رولى. ۋىلسىپىتنىڭ رولى.
<تىيا> سەھنە ئەسىرى ياكى كىنولاردا ئارتىسلار ئويناپ چىققان پېرسوناژلار ئوبرازى.
بىرەر شەيئىنىڭ باشقا شەيئىلەر تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى، تۇتقان ئورنى، خىزمىتى ياكى كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلار.
<يېزا قازىسى> دېگەن بۇ كونا دىنىي مەرتىۋە قاچانقى گەپ، ھازىر ئۇنىڭ رولى يوق.