Uyghurئاساسىي لۇغەت
روگېر
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1093 - 1541) سىتسىلىيە كورۇلى -1130 - 1154(. 1101-يىلى ئاتىسى روگېر Ⅰ نىڭ ئورنىغا سىتسىلىيە گرفى بولغان. 1122-يىلى كالابىرىيە گېرتسوگى بولغان. 1127-يىلى يەنە قوشۇمچە ئاپۇلىيە )ئورنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدا( گېرتسوگى ۋە كاپۇيە )ئورنى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدا( شاھزادىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1135 - 1153-يىللىرى قايتا - قايتا شىمالىي ئافرىقا دېڭىز بويلىرى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ، تىرپولى شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1147-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ قولىدىن كورفۇ ئارىلىنى تارتىۋالغان. قىزى كوسنتانز )1152 - 1198( نى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅵ گە ياتلىق قىلغان، ھېنرىخ 1194-يىلى سىتسىلىيە پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.