Uyghurئاساسىي لۇغەت
رويال ئارىلىدىكى دۆلەتلىك باغچا
بىئولوگىيە
ئا ق ش بىلەن كانادا چېگرىسىنىڭ سەل جەنۇبىغا، سۇبىلىر كۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئۇ، كۆلنى ئەڭ چوڭ رويال ئارىلى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 200 دىن ئوشۇق قولتۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باغچىنىڭ مەيدانى 2183 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كىشىلەر بۇ باغچىغا كىچىك قېيىق ھەم سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ئارقىلىق كېلەلەيدۇ. ئارالنىڭ كەڭلىكى 14 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 72 كىلومېتىر، مەيدانى 545 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارال يېرىم ئىپتىدائىي ئورمانلىقلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يوللار ۋە ئولتۇراقلىق كىشىلەر يوق. پەقەت كىشىلەرنىڭ ساياھەتتە يېتىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا چېدىر ئۆيلەر تەييارلانغان. ئارالنىڭ ئەگرى - بۈگرى دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل، ئارالدا بىر نەچچە تەكشى سوزۇلغان تاغلار بار. ئارالدىكى مىس كاندىن ئىندىئانلار مىس تاۋلىغان. ئارالدا 700 خىلدىن ئوشۇق ئۇچار قاناتلار ھەم بۆرە بۇغا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. 1940 - يىلى باغچا قىلىپ ئېچىلغان. ھازىر ئا ق ش نىڭ مۇھىم سانائەت، دەم ئېلىش رايونى ھېسابلىنىدۇ.