Uyghurئاساسىي لۇغەت
روھىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ ئىچكى ھاياتىغا دائىر، ھېس - تۇيغۇغا ئائىت.
ئادەم ئۈچۈن ماددىي تۇرمۇشلار بولۇپ، مەنىۋى تۇرمۇش بولمىسا بولمايدۇ. تەنقىدنى قوبۇل قىلغاندىلا، روھىي جەھەتتىكى بارلىق داشقاللارنى تازىلىغىلى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغاندىلا، مەنىۋى جەھەتتە يېڭى ئوزۇقلۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھقا ئائىت، روھىي دۇنيا، روھىي تۇرمۇش، مەنىۋى مەدەنىيەت
ماددىي
ماددىغا ئائىت، ماددىي دۇنيا، ماددىي تۇرمۇش، ماددىي مەدەنىيەت
ماددىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تەڭ تۇتۇش، تەڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. كىشىلەر ماددىي دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە روھىي دۇنيانىمۇ ئۆزگەرتىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
كىشىنىڭ روھىغا، پىسخىكىلىق كەيپىياتىغا، ئىچكى دۇنياسىغا ئائىت ھەم شۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.
روھىي ئازاب. روھىي كېسەللىك. روھىي كىشەن.