Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رىم يەر ئاستى قەبرىلىرى
دائىرە: دۇنيا تارىخى罗马地下墓窟
luó mǎ dì xià mù kū
قەدىمكى زاماندىكى خرىسىتئانلارنىڭ ئاستى قەبرىلىرى. شەرقنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئادەتتە مىلادى Ⅱ ئەسىردىن Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە خرىسىتئانلار رىم شەھىرىنىڭ سىرتىدا كولىغان قەبرە ئۆڭكۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىر كېلىدۇ. قەبرە ئۆڭكۈر يولىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى ئويمان يېرىگە قازا تاپقانلار دەپنە قىلىنغان بولۇپ، بەزىدە دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا يىغىلىدىغان جفي قىلىنغان. Ⅳ ئەسىردە سانى كۆپەيگەن، بەزى قەبرىلەرنىڭ ئۈستى ئەگمە شەكىلدە ياسالغان ھەمدە ئىچكى قىسمى نەقىش ۋە رەسىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، كېيىن خرىستىئانلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان. خرىستىئان دىنى قانۇنلاشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ Ⅴ ئەسىرە گوتلار، ۋانداللار قاتارلىق يات مىللەتلەرنىڭ بېسىپ كىرىشى بىلەن پەيدىنپەي تاشلىۋېتىلگەن. ⅩⅡ ئەسىرگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالغان. يېقىنقى زاماندا قېزىش ئارقىلىق، دەسلەپكى خرىستىئان دىنىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.