Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رىمنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىلىرى
دۇنيا تارىخى
罗马行省
luó mǎ háng shěng
قەدىمكى رىم دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مەمۇرىي ئورۇن. <مەمۇرىي ئۆلكە> لاتىنچە Provincia دېگەن سۆز بولۇپ، ئەسلىدە <ھاۋالە قىلىش> دېگەن مەنىدە، يەنى رىم ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىرى بىر رايوننى ئىستېلا قىلغاندا، سېنات ئۇلارغا بۇ رايوننى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلغان؛ كېيىن مەخسۇس يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار (باش ۋالىي) تەيىنلەپ ئىدارە قىلغان، مۇناسىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى تەدىرىجىي شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە رىمدا مەمۇرىي ئۆلكە تۈزۈمى يوق ئىدى. رىمنىڭ ئىتالىيە چېگرىىسنىڭ سىرتىغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پونىي ئۇرۇشى، ماكېدونىيە ئۇرۇشى، ئىسپانىيە ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق، ئۇ تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەمۇرىي ئۆلكە قۇرۇشنى باشلىغان. مىلادىدىن 130 يىل ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىد رىم جۇمھۇرىيىتىدە سىتسىلىيە، ساردىنىيە، تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە، ئىسپانىيە، ئافرىقا، ئىللىرىيە، ماكېدونىيە، ئاكائىيە ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت توققۇز مەمۇرىي ئۆلكە بار ئىدى. مەمۇرىي ئۆلكە باش ۋالىيلىرى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىن تالىنتاتتى. دائىم كونسۇللۇقتىن بوشانغانلار ئۈستىگە ئالاتتى. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل ئىدى. زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇزارتىشقا بولاتتى. مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ يەرلىرى، بايلىقى قاتارلىقلار ىم دۆلىتىنىڭ مال - مۈلكى دەپ قارىلاتتى، سېنات ئۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارىگە بېرىش ياكى بىۋاسىتە باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىدى ھەمدە باجنى كۆتۈرىگە بېرىش تۈزۈمى قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق مەمۇرىي ئۆلكە ئاھالىسىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلاتتى؛ مەمۇرىي ئۆلكە شەھەرلىرىدە ئومۇمەن ئىچكى ئىشلاردا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بار ئىدى، لېكىن باج تاپشۇرۇشى ۋە تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى. رىم ھۆكۈمرانلىرى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئۆلكىلەردە قوشۇن تۇرغۇزغان، ھەربىي لاۋازىمەتلىكلەرنى يەرلىك خەلقلەر يەتكۈزۈپ بەرگەن. باش ۋالىيلار بەزىدە ئارمىيىنىڭ قوماندانلىقىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھايات - ماماتنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن؛ ئۇلار خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ، خەلقنى زار قاقشاقتان. مەمۇرىي ئۆلكە ئورگىنى رىم دۆلىتىنىڭ شۇ جايدىكى پۇقرالارنى تالان - تاراج قىلىشتىكى ئاساسلىق شەكلى بولۇپ، نۇرغۇن تەدبىرلىرى پېرسىيە ئىمپېرىيسىدىن ۋارىسلىق قىلىنغان. مەمۇرىي ئۆلكىلەر بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەمدە يوللار ياسالغان بولۇپ، سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى راۋاجلاندۇرۇشتا رول ئوينىغان. ئىمپېرىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، سېنات بىلەن پرىنسىپات مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىلغان، يەنى مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى سېناتقا قاراشلىق مەمۇرىي ئۆلكە (سېنات ۋەكالىتەن باشقۇرىدىغان كونسۇل تەيىنلەپ ئىدارە قىلىدىغان) ۋە پرىنسىپاتقا بىۋاسىتە قاراشلىق مەمۇرىي ئۆلكە دەپ ئىككى خىلغا بۆلگەن. كېيىن رىم زېمىنىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ (دۇناي دەرياسى ۋە غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن). مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەمۇرىي ئۆلكىلەر 40 نەچچىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رىم پادىشاھى تەدرىجىي ھالدا مەمۇرىي ئۆلكە ئاقسۆڭەكلىرىنىمۇ ھۆكۈمرانلار قاتارىغا قوشقان ھەمدە مەمۇرىي ئۆلكىلەردە رىم پۇقرالىق ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دىئوكلېتىئان تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى كونترل قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە قاراشلىق رايونلاrنى تارايتقان، شۇنىڭ بىلەن مەمۇرىي ئۆلكىلەر كۆپىيىپ 100 گە يەتكەن؛ مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ ئۈستىدە يەنە 12 چوڭ مەمۇرىي رايون قۇرغان، ھەرقايسى مەمۇرىي رايونلار بىر قانچە مەمۇرىي ئۆلكىنى بۆلۈپ باشقۇرغان. رىم ئىمپېرىيىسى كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، زېمىنى كۈنسايىن تارايغان، مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىمۇ پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن.