Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رىكسداگ
دائىرە: دۇنيا تارىخى里克斯达
lǐ kè sī dá
شۋېتسىيە پارلامېنتى، سىتېن سىۋاتتې سىتۇرىي (تەخمىنەن 1493 - 1520) نائىبلىق قىلغاندا (1512 - 1520) بەرپا قىلىنغان. ئۇ بۇرۇنقى كورۇل سايلاش يىغىنى. پارلامېنتلىق تۈزۈمىدىكى يىغىن، سىياسىي كېڭەشمە قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىقا كەلگەن. يۇقىرى ۋە تۆۋەن پالاتاغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا باراۋەر قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتلىك سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىلغان. يۇقىرى پالاتانىڭ قەرەلى سەككىز يىل، تۆۋەن پالاتانىڭ قەرەلى تۆت يىل بولغان. يۇقىرى پالاتانىڭ ئەزالىرى 150 نەپەر كىشى، تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزالىرى 223 نەپەر كىشى بولغان. پارلامېنت ھەر يىلىنىڭ باھار، كۈز پەسلىدە ئىككى نۆۋەت قەرەللىك يىغىن چاقىرغان 1871-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ بىر پالاتالىق تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ، 349 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ۋەكالەتلىك مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.