Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رىكاردو
دۇنيا تارىخى
李嘉图
lǐ jiā tú
(1772 - 1823) ئەنگلىيە كلاسسىك ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي ئېقىمى ۋەكىللىرىدىن بىرى. 20 يېشىدىن تارتىپ سودا ساھەسىگە كىرىپ، ئاكسىيە بىدىكلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي بېيىغان. كېيىن ئىقتىساد نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1799-يىلى ئۇ ئادام سىمىتنىڭ <مىللىي بايلىق توغرىسىدا> ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەخسۇس سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتى بىلن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. 1817-يىلى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئەسىرى - <سىياسىي ئىقتىساد ۋە باج - سېلىق پرىنسىپلىرى> نى ئېلان قىلىپ، ئادام سىمىتنىڭ نەزەرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. بىراق ئەمگەك قىممىتى، قوشۇمچە قىممەت ۋە ئوتتۇرىچە پايدا نەزەرىيىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان زىددىيەتنى ھەل قىلالمىغان ھەمدە <تۆمۈر ئىش ھەققى قانۇنى> دىن ئىبارەت خاتا نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1819-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئەينى زاماندىكى ئەنگلىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، پارلامېنت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇ قىلغان، <ئاشلىق قانۇنى> غا قارشى چىقىپ، ئەركىن سودىنى تەرغىپ قىلغان.