Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىجە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، پارتىيە، ئارمىيىنىڭ قائىدە - يوسۇن، تەرتىپ - ئىنتىزام، ھەق - ھوقۇقلار بەلگىلەنگەن، رىئايە قىلىش شەرت بولغان قانۇنىي ھۆججەت.
ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنى <نەشىنى چەكلەش نىزامى> نى ماقۇللىدى. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشى شەرت. يېڭى ھەربىي ئۇستاب ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر نەرسە ئۈستىدىن تارتىلغان يىپ، سىم ياكى سىزىق.
ناۋات قاتۇرۇلغان قازانغا تارتىلغان يىپ.
قازانغا رىجە باغلىماق.
بۇغرىسىغا كىرگەن تۆگىنىڭ ئادەم چىشلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئاغزىغا تارتىپ قويىدىغان بىر خىل تور.
بىرەر ئىش تەرتىپى بىلەن ۋە ئۆز ۋاقتىدا بېجىرىش ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلەپ ئېلىنغان ئېنىق ياكى تەخمىنىي مۆلچەر؛ پىلان.
ئۇ خانغا سۇيىقەست قىلىش رىجىسىنى تۈزۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ رىجىسى بىتچىت قىلىندى.