Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىچارد
دۇنيا تارىخى
(1157 - 1199) ئەنگليە پىلانتا گېنېتىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1189 - 1199). لەقىمى <شىر يۈرەك شاھ>. ئەنگلاىي كورۇلى ھېنرى G نى ئۈچىنچى ئوغلى. 1172-يىلى ئاكۇيتانىيە كىنەزى بولغان. 1188 - 1189-يىللىرى فرانسىيە كورۇلى قىلىپ Ⅱ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كورۇل دادىسىغا قارشى تۇرۇپ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. 1190-يىلى فىلىپ Ⅱ بىلەن بىللە ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىغا قاتناشقان. 1191-يىلى سىپرۇسنى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە فرانسىيە ئەھلىسەلىپچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ پەلەستىندىكى ئاكرى شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئاندىن كېيىن ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلغان، سالاھىددىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنى ئالالمىغان. 1192-يىلى 9 ئايدا سالاھىدىن بىلەن سۈلھ قىلغان. 10-ئايدا پەلەستىندىن ئۆز دۆلىتىگە قايتقان. سەپەر ئۈستىدە ئاۋسترىيە كىنەزى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅵ نىڭ قولىغا چۈشكەن. 1194-يىلى ئەنگلىيە 100 مىڭ فوند ستېرلىڭ بىلەن ئۇنى قايتۇرۇۋالغان. كېيىن يەنە ئەنگلىيىنىڭ فرانسىيىدىكى خوجىلىق يەرلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە، فىلىپ Ⅱ بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۇرۇشپەرەس بولۇپ، باج - سېلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قايسى تەبىقىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1196-يىلى لونداوندا باجغا قارشى قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن.
دۇنيا تارىخى
(1367 - 1400) ئەنگلىيە پلانتا گېننېتىس خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1377 - 1399). ئېدۋارد Ⅲتىن كېيىن پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ تاغىسى لانكاستېر كىنەزى جون (1340 - 1399) نائىب بولغان. 1389-يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.ئۇ چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە پارلامېنتنىڭ سىياسىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1396-يىلى فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، يۈز يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى ئاياغلاشتۇرغان.1398-يىلى لانكاستېر كىنەزى جوننىڭ ئوغلى ھېنرىنى سۈرگۈن قىلغان. 1399-يىلى 4-ئايدا ئەسكەر باشلاپ ئىرالاندىيىگە يۈرۈش قىلغان. ھېنرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋەتىنىگە قايتىپ، كۈچ توپلاپ 9-ئايدا رىچاردنى بىكار قىلىپ، كورۇل بولۇپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅳ دەپ ئاتاپ، لونكاستېر خاندانلىقىنى قۇرغان. رىچارد ئۆمۈرلۈك قاماققا ئېلىنغان.
دۇنيا تارىخى
(1452 - 1485) ئەنگلىيە يورك خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1483 - 1845). قىزىلگۈل ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1460-يىلى دادىسى كىنەز يورك ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكىسى ئېدۋارد Ⅳ
(1442 - 1483) نىڭ كورۇل بولۇشىنى ھىمايە قىلىپ، ئۆزى گلۇكېستېر كىنەزى بولغان. ئاكىسى ئۆلگەندىن كېيىن، جىيەنى ئېدۋارد Ⅴ
(1470 - ؟) نى تەختكە چىقىرىپ، ئۆزى نائىب بولغان. لېكىن كېيىن جىيەنىنى نەزەربەند قىلىپ، ئۆزى كورۇل بولۇۋالغان. بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەر، شەھەر ئاھالىسى ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىن بىر جەڭدە ھېنرى تۇدور تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.